ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم سۈرىيىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم 4 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى سۈرىيىگە كەلگەندە، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەل ئەسەد ئۇنى دەمەشقتىكى مەشھۇر ئەسارە ئەتىقىدە كۈتۈۋالدى. پېلوسى خانىمنىڭ زىيارەت ئۆمىكىدىكى ئەزالارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكا - سۈرىيە دىئالوگى باشلانغان. سۈرىيىنىڭ دېپلوماتلىرى بۇ زىيارەتنى 'ئوتتۇرا شەرقتە ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى' دەپ ئاتىغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 4 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەل ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەندە تەنقىت بەرمىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ئەمدى نەنسى خانىمنى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنى بۇزدى، دەپ تەنقىت قىلغان. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2005 ‏- يىلى لىۋاننىڭ باش مىنىستىرى رەفىق ئەل خارىرى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەمەشقتىكى باش ئەلچىسىنى ۋاقىتىنچە چاقىرتىپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن كېيىن يەنە، سۈرىيىنى ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، پەلەستىدىكى خاماسنى، لىۋاندىكى ھېزىبۇللاھنى قوللاۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (ۋەلى)