خىتاينىڭ دېموكراتىك پائالىيەتچىسى ياڭ جىيەنلى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ياشاش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن، لېكىن كېيىن خىتايغا قايتىپ بېرىپ تۇتۇلۇپ قالغان خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جىيەنلى 5 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقاندىن كىيىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى.

ياڭ جىيەنلى 17- ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئامېرىكا دىپلوماتى جارېد گەنسېرنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭدىن سانفرانسسكو ئايرودرومىغا كەلگەن ۋە بوستوندىكى ئۆيىگە قايتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياڭغا پاسپورت بېجىرىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جارېد گەنسېر" ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن جەم بولدى" دەيدۇ.

ياڭ جىيەنلى بۇرۇن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 2002- يىلى خىتايغا كىرگەندە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەيۋەن ئىشپىيونى ۋە چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن، دەپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ياڭ جىيەنلى 1989- يىلىدىكى تيەنئەنمېن نامايىشىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ دائىرىلىرى كېيىن ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنري پائۇلسون، بۇ يىل مارتتا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ياڭ جىيەنلىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ياڭ جىيەنلى بۇ يىل 27- ئاپرېل قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان كىملىك سالاھىيەت مەسىلىسى ھەل بولماي خىتايدا تۇرۇپ قالغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇنىڭغا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بەرمىگەن ھەم ئۇنى چېگرىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ 21-ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدۇ. (جۈمە)