ئامېرىكا بېيجىڭنى خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى

بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خوڭكوڭدا دىمۇكراتىيەنى كېڭەيتىشكە چاقىردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شلېيفىر يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋالىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، خوڭكوڭدا ھەقىقى دىمۇكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

شلېيفىر مۇنداق دەيدۇ : بىز خوڭكوڭ خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز غالىبىيەتنىڭ ئاچقۇچى خوڭكوڭنىڭ دىمۇكراتىيە يولىدا داۋاملىق ئىلگىرلەپ، ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش نىشانىغا يېتىش دەپ قارايمىز، خوڭكوڭنىڭ كېلەچىگى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قولىدا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى رېج، خوڭكوڭدىكى دىمۇكراتىك ئىسلاھات مۇساپىسىگە قارشى چىقىشنىڭ چويلىدا توختۇغىدەك بىر سەۋەبى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خوڭكوڭدىكى دىمۇكراتىك كۈچلەر، 2007 ۋە 2008 - يىللىرى خوڭكوڭدا ئومۇمى خەلق سايلامى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. بىراق بېيجىڭ دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى ئومۇمى خەلق سايلىمىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، دىمۇكراتىك كۈچلەرنىڭ يۇقارقى تەلىپىگە قارشى چىققان. بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2007 ۋە 2008 - يىللىرى خوڭكوڭدا ئومۇمى خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى جاكالىغان ئىدى. بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رېج ۋە شلېيفىرلارنى تەنقىتلەپ، ئۇلارنىڭ ھەركىتى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىقدۇر دەپ ئەيىپلىگەن. (ئەركىن)