كوندالىزا رايىس خىتاينىڭ سىياسىي دېموكراتىيىنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۈس قىلدى
2006.05.25
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ سىياسىي دېموكراتىيىنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۈس قىلدى.
كوندالىزا رايىس يېقىندا ۋاشىنگتون تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ": ھازىر بىز بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ، جۇڭگۇنىڭ ئىچكى سىياسىتى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئىختىلاپلار مەۋجۈت، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىىسىدە بىز جۇڭگودىن ئۈمىد قىلغان ئىلگىرلەشنى تېخى كۆرمىدۇق، بىز بۇ جەھتتە جۇڭگو تەرەپكە ئۆزىمىزنىڭ سەمىمىي پىكىرلىرىمىزنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىمىز" دېدى.
كوندالىزا رايىس سۆزىدە يەنە، جۇڭگونى دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ئىسلاھات بسىىمىنىڭ خىتايغا چوقۇم دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كاندالىزا رايس: ئەركىن دۆلەتلەر نەشرىيات ئەركىنىلىكىنى چەكلەيدىغان 5 دۆلەتكە چۇقۇم تەسىر كۆرسىتىشى لازىم
- كوندالىزا رايىس ئىراننىڭ يادرو ھەرىكىتىگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەكىتلىدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- كوندالىزا رايىس ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىدە خىتاي مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۈمكىن