ھېلارى بىلەن ئوباما خىتاي تاۋارلىرىدىن باج ئېلىش قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاش سېپىگە قېتىلدى


2007.07.09

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى رەتتىكى كاندىداتلاردىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھېلارى كلىنتون بىلەن باراك ئوباما، كېڭەش پالاتاسىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي ماللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىش ھەققىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللايدىغانلار سېپىگە قېتىلدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەمەلدارلار ھېلارى كلىنتون بىلەن باراك ئوبامانىڭ ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە، ئەگەر خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىمىسە، خىتاي تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە خىتاينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇننىڭ تىغ ئۇچى خىتايغا قارىتىلغانلىقى شۈبھىسىز.

ۋاشىنگتوندىكى كۆزەتكۈچىلەر، دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەڭ كۈچلۈك 2 پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللىغانلىقى، كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىدا خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتى ئەڭ تالاش - تارتىش قوزغايدىغان قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلى قىممىتىنى% 40 ئەرزان تۇتۇپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدا ئامېرىكىنىڭ سودا قىزىل رەقىمى 200 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇۋاتاتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.