رىم پاپاسىنىڭ دەپنە مۇراسىمى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى
2005.04.04
ۋاتىكاننىڭ رەھبىرى رىم پاپاسى جون پائۇل ئىئى نىڭ دەپنە مۇراسىمى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە رىم كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى قاتنىشىدىكەن.
جون پائۇل ئىئى نىڭ جەسىتى ۋاتىكاندىكى سېنت پېتىر چېركاۋىنىڭ ئاستىدىكى قەبرىگە دەپنە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر چېركاۋغا يۆتكەلدى. چېركاۋ مەسئۇللىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇنىڭ جەسىتى جۈمە كۈنىگە قەدەر ئاممىغا كۆرسىتىلىدىكەن، شۇنداقلا نۆۋەتتە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاتىكانغا كىرىدىغان كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
84 يېشىدا قازا قىلغان جون پائۇل ئىئى ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغان دەپنە مۇراسىمىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، رىم پاپاسى سايلىمى مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئالماقتا. رىم پاپاسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋاتىكاندىكى قىزىل كىيىملىك ئېپسىكوپلار چوقۇم 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن بۇرۇن رىم پاپاسى سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ بولىشى كېرەك ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رىم پاپاسى ھەققىدىكى ئىنتېرنېت بايانلىرىنى توسىدى
- رىم پاپاسى جون پائۇل 2 ئالەمدىن ئۆتتى
- بېيجىڭ، رىمنىڭ يېڭى پاپاسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى