روبېرت زويلىك: خىتايدا بىر پارتىيە دىكتاتورلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ
2005.09.22
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زويلىك چارشەنبە كۈنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىدا مېڭىشقا چاقىردىغان ھەمدە نۆۋەتتىكى بىر پارتىيە دىكتاتورلۇق تۈزۈمىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتكىچە داۋاملاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
زويلىك، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىيىگە كۆچۈشكە چاقىردى. ئۇ، " سىياسىي تۈزۈلمىدىكى بېكىنمىچىلىك خىتاي جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئالاھىدىلىكى بولالمايدۇ، ھەتتە بۇنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ" دەيدۇ. زويلىكنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا سىياسى ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىكەن.
زويلىك سۆزىدە يەنە، "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر خىل رىقابەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايۋاتىدۇ" دېدى. ئۇ، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ئىشىنىدىغان كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ "خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈش" باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەت دەپ تەرىپلىگەن زويلىك، "ئەگەر ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى ئازايتىلمىسا، ئامېرىكا خىتايغا ئىمبارگو قويۇشنى ئويلىشىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئىبارىسى ئېغىر سۆزلەرنى قوللىنىشىدۇر. (پەرىدە)