ۋاتىكان ، خىتاي دائىرىلىرىنى كاتولىكلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى


2004.09.12

رىم ۋاتىكانى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاتولىك دىنىدىكى زاتلارنى مەملىكەت بويىچە چەكلىگەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىق دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرگەن ۋاتىكان باياناتچىسىنىڭ سۆزىدە ، ۋاتىكاننىڭ بۇ يىل 8 - ئايلاردا خىتايدىكى كاتولىك ئېپىسكوپلار ۋە كاتولىك مۇخلىسلارنى قولغا ئېلىش ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، ئەگەر بۇ توغرا بولغان تەقدىردە ۋاتىكان دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسىگە دۇچ كەلمەكتە دېگەنلىكتۇر ، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىمۇ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر قىسىمى دەپ تەكىتلىگەن . ۋاتىكان ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قولغا ئېلىنغان كاتولىك ئېپىسكوپلار ۋە كاتولىك مۇخلىسلارنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ ، كاتولىك مۇخلىسلارنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان .

ۋاتىكان باياناتچىسى جاۋكيۇن ناۋارو- ۋالسنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۇ يىل 8 - ئايدا خېبېينىڭ باۋدىڭ رايونىدا 10 نەپەر كاتولىكنى قولغا ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا يوللىغان . 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا 23 نەپەر كاتولىك مۇرىتى تۇتقۇنغا ئۇچرىغان . ۋاتىكان باياناتچىسى فۇجوۋدىمۇ كاتولىكلارنى قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . خىتاينىڭ ۋاتىكان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1951 - يىلى ئۈزۈلگەن ئىدى . ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاتىكاننىڭ خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلارغا ئېپىسكوپ تەيىنلىشىنى رەت قىلغان ئىدى . بۇ مەسىلە ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ھازىرمۇ توسالغۇ بولماقتا . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.