ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
2006.05.03
ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 3- ماي كۈنى 2006- يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدى.
مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا، سەئۇدىي ئەرەبىستان، خىتاي، شىمالىي كورىيە، سۇدان، ئىران، پاكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە ئۆتكەن يىلىمۇ بۇ تىزىملىكتە بولغان خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى دىنىي جەمئىيەتلەرنى كۈچلۈك كونترول قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، رىم كاتولىكلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ ۋە ئۇلارنى قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1998- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورگان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە كۆرۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە مۇستەقىل سىياسەت تەكلىپلىرىنى سۇنىدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقى بىلەن ئەيىبلەندى
- خىتاي ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى رەت قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىدى