ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە 1989 - يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۇز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى شەرەپلەندۈرىدىغان بىر قاتار قارارلارنى ماقۇللىدى. ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ۋە خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان 3 قارار لايىھىسى كۆپ تالاش - تارتىش قىلىنمايلا ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپچىلىك ئەزالار تەرىپىدىن ماقۇللاندى.

قارار لايىھىسىنىڭ بىرىدە، تيەنئەنمىن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرلەندى. يەنە بىر قارا لايىھىسىدە خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە قارىتا باستۇرۇش " قەدىمىنى كۈچەيتىش" بىلەن ئەيىبلەندى. قارار لايىھىسىنىڭ ئۈچىنچىسىدە، دۆلەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا خىتاي كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تەيىنلەش ئەيىبلەندى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس، " ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر كۈن ئىچىدە 3 قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتايدا بىر كۈنى زەپەر قازىنىدىغان، لېكىن ھازىر جاپا چېكىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى، دىندارلارنى، دېموكراتلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئەسلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ئەركىنلىك تىلىگەنلىكى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقە" دەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى قورالسىز پۇقرالارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى نەنسى پەلۇسى قارار لايىھىسىنى ماختاپ، " بۈگۈن ئاۋام پالاتاسى ئەركىنلىك ئۈچۈن دەس تۇرغاندا يامغۇردەك ئوققا تۇتۇلغان ۋە يېڭى باستۇرۇش دەۋرىگە دۇچ كەلگەن جەسۇر بىر روھنى مەدھىيىلىدى " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف بۇش ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىگە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارلىرىنى ئاساسسىز ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىقتۇر " دەپ ئەيىبلىدى. (ئەركىن)