خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلادىنى ئەيىبلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاينى دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي، شىمالىي كورىيە، سۇدان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى دۇنيادا خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئەڭ كۆپ بوغۇۋاتقان دۆلەتلەر دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق قائىدىسىگە خىلاپ ھەمدە ئوچۇق- ئاشكارا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمىدە "خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي پائالىيەتلەر ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ رۇخستىسىز ئېلىپ بېرىلغان دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باستۇرماقتا" دېيىلگەن. (قانات)