خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى ئەركىنلىككە يول قويمىسا ئاقىۋەتتە كۆپ زىيان تارتىدۇ

دۇنيا خرىستىئان دىنى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سامۇل كوبىيا سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى ئەركىنلىككە يول قويۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا مەملىكەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ " دەپ بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى زاتلارغا يېتەرلىك ئەركىنلىك بەرمىسە، ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت ئۆزى كۆپ زىيان تارتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ياۋروپا بىرلەشمىسى يېقىندا خىتايدىكى كاتولىك پوپى ۋە تىبەت راھىبلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى مىسال قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ ھەقتە بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەردە "دىنسىز خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى دۆلەت قانۇنىغا تاقاپ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دېنى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن؛ خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىك پەقەت قانۇن چەكلىمىسى ئىچىدىكى ئەركىنلىك، بۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق " دەپ كۆرسىتىلگەن. (مېھرىبان)