خىتاي بىلەن ۋاتىكان بىشوب تەيىنلەش مەسىلىسىدە يەنە بىر - بىرىنى ئەيىبلەشتى

ۋاتىكان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رىم پاپاسى بەنەدىكت 16 -، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا بىر بىشوپنى رىم ۋاتىكانىنىڭ تەستىقىسىز خىتايدىكى بىر كاتولىك دىنىي رايونىغا ئېپىسكوپ قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىدىن"چوڭقۇر قايغۇرغان".

خىتاي ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ۋاڭ رېنلېي ئىسىملىك بىر بىشوپنى شۈيجوۋ كاتولىك دىنىي رايونىنىڭ ئېپىسكوپى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ۋاتىكاندىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ 3 - كىشىنى ئېپىسكوپ قىلىپ تەيىنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

ۋاتىكان ئاخبارات ئەمەلدارى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا پاپا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى قايغۇردى. چۈنكى ئېپىسكوپ پاپانىڭ تەستىقىسىز تەيىنلەنمەسلىكى كېرەك " دەيدۇ. بۇ پاپا بەنەدىكت 16 - ۋە رىم ۋاتىكانىنىڭ پاپا تۈركىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرىشىدۇر. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى ۋاتىكاننىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلىپ، خىتاي ۋەتەنپەرۋەر خرىستئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھەرىكىتىنى ئاقلىدى. باياناتتا، ۋاتىكاننىڭ جۇڭگو دائىرىلىرى دىنىي ئەركىنلىككە ئارىلاشتى، دېگەن تەنقىدى ئاساسسىز، دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا ۋاتىكان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)