بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا ئىمبارگو قويۇش بېسىمىغا دۇچ كەلدى

بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە 7 يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن خىتايغا ئىمبارگو قويۇش توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس، 1999 - يىلدىن بېرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر قارا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتايغا، تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتىتى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا كرىستوفىر سىمىس، ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ستېفېن لىستوندىن " سىز خىتايغا ئىمبارگو قويۇشنى ئىنچىلىك بىلەن ئويشىۋاتامسىز؟ ئەگەر ئويلاشمىغان بولسىڭىز بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نۆۋەتتە ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتتى. بىز ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك " دەپ سورىدى. سىمىس " خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەر ئاستى خرىستئان جەمئىيىتى رەھبەرلىرى شۇنداقلا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ، تىبەت ۋە فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ستېفېن لىستون، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى "ئىنتايىن ناچار " دەپ تەرىپلىدى. لېكىن ئۇ، " مېنىڭچە بىزنىڭ ئوخشىمىغان يوللار بىلەن يەنى دىپلوماتىك ۋە قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بارالايدىغان نۇرغۇن يوللىرىمىز بار "دەيدۇ. ئۇ، خىتايدا دىنىي مۇخلىسلارنىڭ " تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تەن جازاسى ھەم كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كرسىتوفىر سىمىس، يىغىندا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېيتنامنى دىنىي ئەركىنلىككە قارشى دۆلەتلەر " قارا تىزىملىكى" دىن چىقىرىۋەتكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)