ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلىدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومېتىتىنىڭ مۇدىرى فىلىس گېر خانىم، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتايدا كىشىىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىلىس گېر خانىم ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى، خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى، فىلىس گېر خانىمنىڭ تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ": خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن بۇيىچە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئېتىقادىنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاي پۇقرالىرىمۇ قانۇن بۇيىچە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ" دېدى.

بىراق ئۆتكەن 7 يىلدىن بېرى، ئامېرىكا خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا ساناپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2005 ‏- يىلى خىتايغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشىىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ جەھەتتىكى مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىغا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستاندىن تۇتۇپ كەتكەن، ھۈسىيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم قاتناشتى. كامىلە خانىم ئېرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئېرىنىڭ تېزراق خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەقىدە)