1- ماي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلدى. جەمئىي 292- بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان خەلقلەرنىڭ ۋە ئۇلار ياشاپ تۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە دىنىي سىياسىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. جۈملىدىن خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكى ھەرخىل يوللار بىلەن بوغۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان.
دوكلاتتا مۇندا دېيىلگەن: "شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار. خىتاينىڭ شىنجاڭغا قاراتقان دۆلەت سىياسىتى بولسا ' تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيچىلىك' نى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تىنچ يوسۇندا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇرۇشتىكى باھانە - سەۋەب قىلىپ ئىشلەتتى."
دوكلاتتا ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن يىلدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دىنى زاتلار ۋە تالىپلارنىڭ "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى دىنىي تەلىم ئورۇنلىرىنىڭ "قانۇنسىز دىن تارقىتىش ئۇۋىسى" جىنايەتلەر بىلەن تاقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى يولسىز قىلمىشلىرى ئۇستىدىن شىكايەت قىلغان دىنىي زاتلارنىڭ، "بۆلگۈنچىلىك" ۋە "جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت سېلىش" جىنايەتلىرى بىلەن يىللارغا سوزۇلغان تۇرمە جازالىرىغا مەھكۇم بولغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئاخىرىدا، دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى، تىبەتنىڭ لاسا قاتارلىق رايونلىرىدا، دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشىغا يول قويۇشقا ئۈندىشى كېرەكلىكى ھەمدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى تېخىمۇ يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن تەكلىپتە يەنە، ھازىر تىبەتلەر ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان تىبەت تىل - مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پروگراممىلىرىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈسىنى ئالغان پروگراممىلارنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئېتىشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرمۇ بېرىلگەن. (جۈمە)