دۇنيادىكى دىنىي رەھبەرلەر ھىندىستاندا ئۇچرىشىپ زوراۋانلىق - ۋەھشىيلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى


2007.11.26

ھازىر دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ دىنىي رەھبەرلىرى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ ئامرىتسار شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، مەزھەپلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەپرىقىچىلىك ۋە ۋەھشىيلىكلەرنى قانداق ئاياغلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

ئېلىجاھ دۇنيا دىنىي رەھبەرلەر مەجلىسى دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلاردىن ئىسلام، خرىستىئان، ھىندى، سىكھس ۋە يەھۇدىي دىنلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 1996- يىلى، قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر مەجلىسنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ھىندىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنىي رەھبەرلەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باش تېمىسى " مۇھەببەت ۋە ئەپۇ قىلىش تېمىسىدا پاراسەت ئالماشتۇرۇش" قىلىپ بېكىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلار ئارىسىدىكى ئۆز -ئارا چۈشەنچىنى كۈچەيتىش ۋە دىنغا باغلانغان ۋەھشىيلىكلەرنى كېمەيتىش ئۈچۈن، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشلاردا ھاسىل بولغان نەتىجىلەرنى بىرىكتۈرۈپ بىر تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەرسلىك تۈزۈپ چىقىش ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، مەزكۇر يىغىننىڭ باياناتچىسى سىمون كوھەننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ "مۇھەببەت بېرىش، قوبۇل قىلىش ۋە كەچۈرۈم چۈشەنچىسى ھەممەيلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بىر تەرەپ بولۇپ، بىز بۇنى رېئال دۇنياغا ئېلىپ كېلىشنى خالايمىز" دېگەن.

بۇ، ئېلىجاھ دۇنيا دىنىي رەھبەرلەر مەجلىسنىڭ 3- قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ، مەزكۇر مەجلىس 2003- يىلى ئىسپانىيىدە ۋە 2005- يىلى تەيۋەندە مۇشۇ خىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ دىنلار ئارا دىئالوگنى كۈچەيتىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىدى. (جۈمە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.