ئامېرىكا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تىبەتلىك بۇددىستلار، يەر ئاستى خرىستيان مۇرىتلىرى، فالۇنگوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز دەپ قارىغان مەزھەپلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي چەكلىمە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسمىدا "شىنجياڭ" دائىرىلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەۋاتقانلىقىنى يازدى. دوكلاتتا، "شىنجياڭ" دائىرىلىرىنىڭ دائىم مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان تىنچ ھەرىكەتلەر ۋە "قانۇنسىز پائالىيەتلەر" بىلەن زوراۋان تېررورلۇقنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا رايوندا "تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش، باستۇرۇش ۋە جازالاش ھەرىكىتىنىڭ دىندارلار، تىنچ سىياسىي پائالىيەت قىلغۇچىلار ياكى زوراۋان ۋاستىلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ قايسىسىغا قارىتىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرمەك تەس" دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا يەنە، دىندارلارنىڭ تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرنى كۆرسىتىدىغان "ئۈچ خىل كۈچلەر" قاتارىدا جازالىنىۋاتقانلىقىنى، "ئۈچ خىل كۈچلەر "نىڭ بولسا مۇسۇلمانلارنى كۆزدە تۇتۇدىغانلىقىنى شۇنداقلا مەسچىد سېلىش، بالىلارغا ئىسلام تەربىيىسى بېرىش، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، پروفېسسورلار ۋە ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈركىنىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھەجگە بارغۇچىلارغا سىياسىي ساداقەتمەنلىك شەرتى قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 1999 - يىلدىن بېرى ھەر يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)