5- ماي سەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتىدا، مەزكۇر ئورگاننىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ " دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدە توختالغان بۆلىكىدە نادانلىق ۋە بىرتەرەپلىمە قاراش ئىپادىلەنگەن. مەزكۇر بۆلەك خىتاينىڭ دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلىغان" دېگەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، "خىتايدىكى ھەر بىر دىنىي گۇرۇپپا ئىزچىل ھالدا ئېغىر چەكلىمىگە ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلمەكتە" دېگەن ۋە خىتاينىڭ نوپۇزلۇق دىنىي زاتلارنى خارلاش، تۈرمىگە تاشلاش ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىش ھەمدە باشقا تۈردىكى جازالاش ۋاستىلىرىنى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ: "روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدۇ ۋە خىتاي پۇقرالىرى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ"-دېدى.
ئەمما، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە يەر ئاستى كاتولىك دىنىي گۇرۇپپىلارنى ۋە فالۇنگۇڭ قاتارلىق روھانىي گۇرۇپپىلارنى ئېغىر باستۇرۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتتا يەنە " خىتاي بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئۆز مەيدانىنى ساقلاپ قالىدۇ" دېيىلگەن. (جۈمە)
