دىسنىي شىركىتى خىتاينىڭ مەتبۇئات بەلگىلىمىلىرىدىن نارازى بولماقتا
2005.09.12
خوڭكوڭدا دۈشەنبە كۈنى يېڭى دىسنىي باغچىسى ئېچىلغان بىر پەيتتە، ۋولىت دىسنىي شىركىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى دىسنىينىڭ پروگرامملىرىنى چەكلىمىسىز ھالدا تېلىۋىزورلاردا قويۇشقا يول قويمىغىچە، خىتايدا دېسنىي باغچىسى قۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېسنىي شىركىتىنىڭ بۇ قاتتىق پوزىتسىيىسى چەتئەل ئۇچۇر ۋاستە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 8 - ئايدا چىقارغان چەتئەل ئۇچۇر ۋاستە شىركەتلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىدىن نارازى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاي مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمىسىدە، چەتئەلنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن دېسنىي قانالىغا ئوخشاش چەتئەل تېلىۋىزورلىرىنىڭ پروگرامملىرىنى چەكلىگەن. ھەمدە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا كىنو ۋە تېلىۋىزور پروگرامملىرىنى ئىشلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، شاڭخەي شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دېسنىي باغچىسى ئېچىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ۋولت دېسنىي شىركىتى بىلەن بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن .
ئەمما دېسنىي شىركىتىنىڭ رەئىسى روبېرت ئىگىر بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، "بىزنىڭ شاڭخەيدە دېسنىي باغچىسى قۇرۇشنى ئويلىشىشىمىز ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىزنىڭ پروگراممىلىرىمىز خىتاي تېلۋىزورلىرىدا ئەركىن قويۇلۇشى كېرەك" دېدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، بىر ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگىرىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇق مۇخبىرنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ بىر مۇخبىرىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن سوتلىدى
- خىتاي چەتئەل تىلىدىكى گېزىت-ژورناللارنى توسىماقچى
- خىتايدا رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ چەتئەل مەتبۇئات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى چەكلەندى