ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى 2005 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بولغان خىتاينىڭ، ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگىمۇ دەخلى تەرۈز قىلىپ داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى " قاتتىق قول دۆلەت" ھېسابلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر 15 - قېتىملىق دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش يىراق غەرب رايونلىرىنى داۋاملىق قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتا خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە، بولمىدى دېگەندە خەلقئارانىڭ بۇنى ئۈن - تىنسىز ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆپ تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئېلىدە مەدەنىيەت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇ رايونلاردا، سىياسىي پىكرى ئوخشاش بولمىغانلارنى تۇتقۇن قىلىش، يېپىق سوت ئېچىش ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتېرنېت، فالۇنگوڭ، خوڭكوڭ، تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە ئىشچىلار ھوقۇقى قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلاردا تەنقىدلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە مەسئۇلىيەتسىز ھالدا چىقىرىلغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا سىياسىي مەقسەت ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)