ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بەرگەن باھاسىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ئادام ئىرەلى (Adam Ereli) مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ 2004 - يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا بېسىم بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)