ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى


2005.07.20

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ھەربىي تەرەققىياتى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ تەيۋەنگە تەھدىت بولۇپلا قالماستىن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

45 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانىنىڭ تەيۋەن بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق كۆرۈش بولسا، ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چەتئەلدىن ئۈزلۈكسىز قورال سېتىۋېلىش نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشى، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەھدىت بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پەنتاگون يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كېرت كەمبېلنىڭ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ سېگنال بېرىش خاراكتېرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسىمۇ ئانالىز قىلىنىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە توغرىلاپ قويغان نەچە يۈز باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىدىن سىرت يەنە، قىتئە ئارا ئۇچۇدىغان ھەتتا ئامېرىكىغىمۇ يېتەلەيدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىگى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلد سەيشەنبە كۈنى بۇ دوكلاتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىقىغا سەۋەب بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بۇ دوكلاتقا قارشى چىقىپ، خىتاينىڭ تىنچ يولدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بۇ ھەقتە، "خىتاي ھېچقانداق بىرسىگە تەھدىت بولمايلا قالماستىن، ھەتتا بىز ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن دوست بولۇشنى خالايمىز" دەپ بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.