ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە قارىتا بىر يۈرۈش تەلەپ-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر بايانات ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ يىل 8 -ئايدا خىتايغا قىلغان 2 ھەپتىلىك زىيارىتىگە ئاساسەن يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ 14 - نويابىر خىتايغا قىلىدىغان سەپىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر كومىتېت ۋەكىللىرى خىتايدىكى 2 ھەپتىلىك زىيارىتىدە، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، چېڭدۇ، لاسا ۋە شاڭخەيلەرگىچە بېرىپ، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن. شۇنداقلا ئۇلار يەنە، خىتايدىكى بىر قىسىم زىيالىي، ئادۋوكاتلار بىلەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان دىنىي ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقان.
بۇ كومىتېت خىتايدىكى زىيارىتىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا، داۋاملىق تۈردە خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خۇلاسىلىغان.
مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيىسىگە قويغان تەلەپلىرىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە دائىم ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. (پەرىدە)