كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى.
دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمى، خىتاينىڭ ئەدلىيە سېستىمىسى، سۆز ئەركىنلىك ئەھۋالى ۋە دىنىي ۋەزىيەتكە ئوخشاش بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ مەخسۇس "شىنجاڭ ۋە تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇش" دېگەن تېمىدا ئورۇن بېرىلگەن.
ئۇنىڭدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغان دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ" دەپ يازغان ھەمدە بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كونترول قىلىشى، مەسچىتلەرنى بۇزۇشى ۋە خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى يوليورۇقىغا بويسۇنمىغان كادىرلارنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىشى قاتارلىقلارنى مىسال قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، "بۆلگۈنچى" دېگەن جىنايەت بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاۋاتقانلىقىنى ھەتتا بۇ يەردە ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى يازغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، "تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" تىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ھەقلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ زوراۋانچىلار بىلەن ھەقىقىي ئاپتونومىيە ياكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى تىنچ يولدا تەلەپ قىلغۇچىلارنى پەرقلەندۈرمىگەنلىكى يېزىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى دېپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنماسلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)