خىتاي دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تەشكىلات بولغان "ئەركىنلىك سارىيى" جۈمە كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ئۈستىدە دوكلات چىقىرىپ، خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.

"ئەركىنلىك سارىيى" نىڭ 2005‏-يىللىق بۇ دوكلاتى دۇنيادىكى 194 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش نەتىجىسىدە چىقىرىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 73 دۆلەت ئاخبارات ئەركىنلىكى بار دۆلەتلەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، فىنلاندىيە 1‏- ئورۇندا، ئامېرىكا 22‏- ئورۇندا ۋە تەيۋەن 40‏- ئورۇنغا قويۇلغان.

خىتاي بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ 177‏- ئورۇنغا قويۇلغان. "ئەركىنلىك سارىيى" نىڭ بۇ دوكلاتىغا قارىتا خىتاي تەرەپ تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي بىلەن بىر قاتارغا قويۇلغان دۆلەتلەردىن يەنە، ئېفىئوپىيە، ئافغانىستان، رۇسىيە ۋە سىنگاپورلارمۇ بار. شۇنداقلا ئاخبارات ئەركىنلىكى ناچار تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى شىمالىي كورىيە بولغان. (پەرىدە)