خىتاي، دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى


2006.10.24

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 23 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات ئېلان قىلغان بۇ 2006 ‏- يىللىق دوكلاتتا، "خىتاي ، دۇنيادىكى 168 دۆلەت ئارىسىدا، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەتبۇئات ئەركىنلىكى جەھەتتە ئەڭ ناچار بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى شىمالىي كورىيە ئىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا تۈركمەنىستان، ئېرىترىيە، كۇبا، لائوس، خىتاي ، ئېران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن . خىتاي ، ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار بولغان 10 دۆلەت ئارىسىدا، ئالتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى باشلىقى ۋىنسېنت بروسېل ( Vincent Brosel) نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي، ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىدە، ھەر يىلى دېگىدەك دۇنيانىڭ ئەڭ ئارقىدا قىلىپ كەلگەن . بۇ يىل بولسا 2005 ‏- يىلىدىكىدىنمۇ ، تېخىمۇ كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن.

ۋىنسېنت بروسېل( Vincent Brosel) سۆزىدە" بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ يىل خىتايدا بىر نەپەر مۇخبىر ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى يەنىلا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاز دېگەندە 32 نەپەر مۇخبىر خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە نامسىز ماقالە ئېلان قىلغان 50 تىن ئارتۇق كىشىمۇ زىندانغا تاشلاندى " دېدى.

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2006 ‏- يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەتبۇئات ئەركىنلىكى يوق دىيەرلىك بولغان بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنى خاتالىقنى بوينىغا ئېلىپ، مەتبۇئاتقا بولغان باستۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشقا ئۈندىگەن. . (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.