ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى ئېلان قىلدى


2007.03.06

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا سۇدان، شىمالىي كورىيە، ئىران، روسىيە، لائۇس، كۇبا، پاكىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان بۇ يىلقى دوكلاتىدا، خىتايدىكى خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىنىڭ زور دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان تارىخى كىتابلارنى ئىزچىل ھالدا يوقىتىپ كېلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى كۆرەش ھۆسەيىن قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا قاماق جازاسى بەرگەنلىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى 2006 ‏- يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى كونترول قىلىشتىكى بىر قىسىم قىلمىشلىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن . بولۇپمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ۋە ب ب س رادىئوسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە تىبەت تىلىدا بېرىلىۋاتقان پروگراممىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق توسۇلۇۋاتقانلىقى ھەتتا مەزكۇر رادىئو تور بەتلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىدلەنگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.