ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمەكتە، دەپ ئەيىبلەنگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى " ئاساسسىز" ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ رەت قىلدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، "خىتاي دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئېتنىك جەھەتتە خىتايلارغا تەۋە بولغان تۇڭگانلار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولماقتىكەن. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى " جۇڭگونىڭ دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە قارىتىلغان ئاساسسىز تەنقىدلەرنىڭ داۋامى " دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ،" جۇڭگودا بارلىق مىللەتلەر ۋە ھەر قايسى دىنلارغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر قانۇن بويىچە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولماقتا "دەيدۇ.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنچ يوللار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ۋە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلارنى تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار بىلەن بىر دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)
