ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: خىتاي قوشنىلىرىغا ھەربىي تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن


2006.05.23

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى 5‏- ئاينىڭ 23‏- كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىۋەتتى، بۇ رايوندىكى باشقا كۈچلەرگە بىر تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دېدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈشى ئاساسەن تەيۋەنگە قارىتىلغان، ئەمما خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ھەربىي خامچوتى، بۇ دۆلەتكە ھەربىي جەھەتتىن باشقا پىلانلار قۇرۇش ئىمكانىيىتى ياراتماقتا.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بىر نەچچە يىلدىن بېرى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتىشى ۋە بۇنىڭ رايونغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا. شۇنداقلا ياپونىيە ۋە ئامېرىكا خىتاي رەھبەرلىرىنى ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتىش ۋە ھەربىي سىياسىتى ھەققىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىرماقتا.

بۇ مىنىستىرلىق يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان ھەربىي ئىستراتېگىيە پىلانىدا خىتاينى كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر ھەربىي كۈچكە ئايلىنىۋاتقان دۆلەت دەپ كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تىنچ ئوكيان رايونىغا يېڭى ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋە بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۆپەيتىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىز فىلد، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، خىتاينىڭ ھەربىي رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ قوشنىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي مەقسەتلىرىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.