ئامېرىكا بېيجىڭنى دۆلەت مۇداپىئە خىراجەتلىرى ھەققىدە ئوچۇق- يورۇق بولۇشقا چاقىردى


2005.10.18

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلد سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ھەربىي خىراجەتلىرىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە سوئال قويدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ بۇنى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قىلغان سەپىرىنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئوتتۇرىغا قويغان. دونالد رامىسفىلد بېيجىڭغا چۈشۈشى بىلەن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، "قىزىقارلىق يېرى، باشقا دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەربىي خىراجەتنى كۆپلەپ ئۆستۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىقرار قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيۋاتىدۇ" دېدى.

خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشنى ھەدەپ تىزلىتىشىدىكى مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل يازدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خىراجىتىنىڭ 90 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساننىڭ كەم دېگەندە ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، رامىسفىلد ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان زىيارىتىدە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئالاقىسى ۋە شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

خىتاي دونالد رامىسفىلدنىڭ ياۋرو - ئاسىيا زىيارىتىنىڭ تۈنجى بېكىتى بولۇپ، ئۇ يەنە جەنۇبىي كورىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە لىتۋىيىلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.