رامىسفىلد خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى دونالد رامىسفىلد چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋگۇئاڭچۈئەن بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە خىتاينىڭ مەركىزىي كومپارتىيە مەكتىپىدە دېموكراتىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن گۈللىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھەم مۇرەككەپ، ھەم رىقابەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئوچۇق- يورۇق ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلىپ، مۇداپىئە چىقىملىرىنى يوشۇرۇشنىڭ ، باشقا ئەللەردە خىتاينىڭ غەرىزى ھەققىدە گۇمانلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. چۈشتىن كىيىنكى ئۇچرىشىشتا، دونالد رامىسفىلد بىلەن ساۋگۇئاڭچۈئەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ساۋ گۇئاڭچۈئەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاز ئېلان قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ ئامېرىكا ئېيتقاندەك 90 مىليارد دوللار بولماستىن، بەلكى 30 مىليارد دوللارلار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلد چارشەنبە كۈنى يەنە ئىككىنچى توپچى قىسىملار قوماندانلىق مەركىزى يەنى خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ 1966 - يىلىدىن بېرى، بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان تۈنجى چەتئەللىك. رامىسفىلدنىڭ يېنىدىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ھەققىدە رامىسفىلدنى قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلغان.

بۇنىڭ ئالدىدا، دونالد رامىسفىلد خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئالىي يىغىنىدىن ئامېرىكىنى سىقىپ چىقىرىشقا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي مەۋجۈتلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى "قوش بىسلىق سىگنال" بەرمەسلىككە چاقىرغان ئىدى. (ئارزۇ)