دۇنيا بانكىسى خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەزمۇنىنى چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى دۇنيا بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ مۇھىت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەزمۇنىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دوكلاتنىڭ چىقىرىۋېتىلگەن مەزمۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن 650 مىڭدىن 700 مىڭغىچە ئادەم ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلمەكتە.

ئەنگىلىيە "پۇل - مۇئامىلە" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان "خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى" دېگەن دوكلاتتا، خىتايدا ھەر يىلى ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى دارامىتىنىڭ 8.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتنىڭ چىقىرىۋېتىلگەن مەزمۇنى ئاساسلىقى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دوكلاتتا، خىتايدىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆزىدىلا ھاۋا بۇلغىنىش تۈپەيلى ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلىدىغان ئادەملەر ھەريىلى 350 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئىكەنلىكى، يەنە 300 مىڭ كىشىنىڭ ئىشخانا ياكى ئۈستى يېپىق جامائەت سورۇنلىرىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت دوكلاتتا يەنە، خىتايدا ھەر يىلى 60 مىڭ ئادەم سۇ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار سەۋەبىدىن ئاشقازان راكى، جىگەر راكى قاتارلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىدە ئۆلىدىغانلىقىنى يازغان.

" پۇل - مۇئامىلە" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدىكى بۇ مەزمۇنلار ئېلان قىلىنسا، خىتايدا ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق يارىتىشىدىن ئەنسىرەپ، دۇنيا بانكىسىنى دوكلاتتىكى بۇ مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشكە قىستىغان. (ئەركىن)