رابىتىل ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى پەيشەنبە كۈنى سېنېگالنىڭ پايتەختى داكاردا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتناشتى، يىغىندا ئاساسلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسىدا شەكىللەنگەن ناتوغرا كۆز قاراشلارنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رابىتىل ئىسلام تەشكىلاتىغا 57 دۆلەت ئەزا بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ مەقسىدى پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۈر تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
يىغىندا تۈركىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئېكمېلېددىن ئېھسان ئوغلى، مەزكۈر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا دىئالوگ قۇرۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رابىتىل ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا، ئامېرىكا تەرەپ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى قاتناشتۇردى. (ئەقىدە)
