ب د ت نىڭ نوپۇس دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىرقى دۇنيا نوپۇسنىڭ يېرىمى بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە شەھەرلەردە ياشايدىغان بولىدۇ، بۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش، - دەپ بايان قىلىنىدۇ رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ ب د ت دىن بۈگۈن يوللىغان خەۋىرىدە، - شەھەرلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلغىچە كۆپلەپ نوپۇس قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسى 2050 - يىلىغا يەتكەندە، ھازىرقى 6 مىليارد 700 مىليوندىن كۆپىيىپ 9 مىليارد 200 مىليونغا يېتىدۇ.
ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەھكىمىسى نوپۇس بۆلۈم خادىمى خانىيا زىلوتنىكنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن چۈشەنچىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن شەھەر نوپۇسى يېزا-قىشلاقلاردىن كېلىدىغان كۆچمەنلەر ئارقىلىق كۆپىيىپلا قالماي، بەلكى نۇرغۇن يېزا-قىشلاقلار شەھەرگە ئايلىنىپ، يەنى يېزىلىقلار ئۆز يېرىدىلا شەھەرلىككە ئايلىنىش بىلەن كۆپىيىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپچىلىكى توكيو، نيۇيورك، مېكسىكا دېگەندەك چوڭ شەھەرلەردە ئەمەس، بەلكى نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشمىغان كىچىك شەھەرلەردە ياشايدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئوكيانىيىلەردىكى تەرەققى قىلغان رايونلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.
كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ جايلىشىشىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغان يەنە بىر جاي ئاسىيا. كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە ئاسىيا نوپۇسىنىڭ %50 ى شەھەرلەردە ياشايدىغان بولىدۇ. ئافرىقىدا بولسا شەھەردە ياشايدىغان نوپۇس كېيىنكى 30 يىلىدا ھازىرقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپىيىدۇ. بۇ يىللاردا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېزىلاردا ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى جىددىي بولىدۇ. (ۋەلى)
