دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كېىشىنىڭ يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، ئاخبارات ساھەسىگە بايانات ئېلان قىلىپ ،مەزكۈر كېڭەشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەشەببۈس قىلدى.
رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى 19 - ئىيۇن كۈنى باشلىنىپ، 5 ھەپتە داۋاملىشىدۇ ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۈر تەشكىلاتقا مەكتۈب يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۈزىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەزكۈر ھوقۇقلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتاينىڭ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يېڭى ئەزا بولۇپ قوشۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن دىلشات رىشىت يەنە":خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى ، دىنىي ئۆلىمالارنى ، ئاخباراتچىلارنى ۋە دەۋاگەرلەرنى قولغا ئېلىش - باستۇرۇشتەك زىيانكەشلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ ، ھەتتا بۇ جەھەتتىكى قىلمىشلىرى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك" دېدى. (ئەقىدە)
