دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8 دۆلەت يىغىنىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى
2007.06.06
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى "كىشىلىك ھوقۇقسىز گۈللىنىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ" دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنى ئۈمىد قىلىدۇكى، مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان زۆرۈر مەسىلىلەر بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئىقتىسادىي كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنىڭ مەركىزى تېمىسى بولۇشى كېرەك."
باياناتتا يەنە، "ئۆز خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان خىتايدەك بىر دۆلەت، كەسكىن دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. بۇنىڭغا بۇ نۆۋەتلىك يىغىن جاۋاب تاپالايدۇ" دېيىلگەن.
بۇ باياناتتا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، دارفۇر مەسىلىسىدىمۇ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاينىڭ بۇ يىغىن مەيدانىغا كېلىشى سانائەتلەشكەن مەزكۇر دۆلەتلەرنى خىتاينى دارفۇردا ۋە ئۆز ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايدىن ئېنىق بىر ۋەدە ئېلىشتا، ئۇلارنى يەنە بىر مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ."
باياناتنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى تەھدىت ئاستىدا بولىدىكەن، ئۇنداقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.(جۈمە)