فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - ئىيۇن كۈنى رۇسىيىنىڭ ۋىلادىۋاستوك شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا تارقىلىشقا باشلىغان ئېغىز تۇياق ياللۇغى ئاپىتى خىتايدىن ھالقىپ رۇسىيىنىڭ ئۇزاق شەرق رايونىنى قاپلاشقا باشلىغان.
رۇسىيە جىددىي ھالەت مىنسىتىرلىقى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئاپەتنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن ئامۇر رايونىدا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
رۇسىيە جىددىي ھالەت مىنىسىتىرلىقى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەتنىڭ بۇسسە يېزىسىدا تارقالغانلىقى بايقالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېغىز تۇياق ياللۇغى ئاپىتى ئاساسەن كالا، قوي، ئات ۋە چوشقىلار يۇقۇملىنىدىغان بىر كېسەللىك بولۇپ، ئىنسانلارغا تەسىر قىلمايدىكەن.
رۇسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاپەتنىڭ رۇسىيىدە تارقىلىشىدىن رايوندىكى ئاساسلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى ئىگىلىگەن كىچىك چارۋىچى فېرمىلار كۆپ زىيانغا ئۇچرايدىكەن. (قانات)