خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى


2005.03.11

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى ھەر قايسى دۆلەت دائىرىلىرىنى يېقىلغۇ ئىستىمالى شۇنداقلا باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چاقىرغان. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە نېفىتكە بولغان كۈندىلىك ئىھتىياجى 330 مىڭ ۋارىلدىن 84 مىليون ۋارىلغىچە بولىدىكەن. مەزكۇر ئېنېرگىيە تەشكىلاتى، نېفىتكە بولغان ئىھتىياجنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر، دەپ چۈشەندۈرگەن.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېفىت باھاسى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى دۇنيا بويىچە بىر ئاز تۆۋەنلىگەن. ئامما خىتايدا نېفىت باھاسى بۇنىڭدىن يەنىلا قىممەت ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى خىتايدا نېفىتكە بولغان ئىھتىياجنىڭ كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىلدىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خىتايغا ئوخشاش ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەردە ئەمگەك بازىرىنىڭ جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ خىتاينى ئېكسپورت ھەجىمىنى كۆپەيتىشكە شۇنداقلا كۆمۈر يېقىلغۇسىغا يۆلىنىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.