كوندىلىزا رايىس، قازاقىستان بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
2005.08.23
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىم جۈمەرت توقايېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. توقايېۋ ئامېرىكىدىكى زىيارەت كۈنتەرتىپى بويىچە بۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئاقسارايدىكى دائىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىدىكى رۇسىيە بىلەن خىتايدىن كېيىن تۇرىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئورگان بۇ يىل 7 - ئاينىڭ باشلىرى ئاستانادىكى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما كوندىلىزا رايىس بىلەن توقايېۋنىڭ سۆھبىتى ھەربىي بازا مەسىلىگە چېتىلغان ياكى چېتىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەككورماك سۆھبەتتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، " ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا بىخەتەرلىك ، ئېنېرگىيە، دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە قازاقىستاندا بۇ يىل 12 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنى ئەركىن ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئورتاق قىزىقىدىغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ يىل 12 - ئايدا سايلام ئۆتكۈزۈش پرېزىدېنت نەزەربايېفنىڭ ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن بىر غەلىبە، دەپ قارالماقتا. نەزەربايېفنى قوللىغۇچىلار سايلامنىڭ كېلەر يىلى 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوندالىزا رايىس قۇرمانبېگ باقىيېفقا رەھمەت ئېيتتى
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا
- كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلدى
- كوندالىزا رايىس، ش ھ ت نىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلدى