فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ئېكسون موبىل، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو ۋە خىتاينىڭ خىتاي نېفىت خىمىيە-سانائىتى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى جۈمە كۈنى خىتايدا نېفىت-خىمىيە، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە 750 ئورۇندا مۇلازىمەت پونكىتلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمى قىممىتى 5 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان ئىككى شېرىكچىلىك كارخانىسى توختىمى تۈزدى.
ئامېرىكا نېفىت شىركىتى ئېكسون موبىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شىركەتنىڭ بۇ نۆۋەت خىتايغا سالغان زور مىقداردىكى مەبلىغى 12 يىللىق تەييارلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 2009-يىلنىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. بۇ تۈرنىڭ بىرسى خىتاينىڭ فۇ جيەن ئۆلكىسىدە بۇرۇن بار بولغان خىتاي نېفىت خىمىيە-سانائىتى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن فۇ جيەن ئۆلكىسى ئارىسىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى ئوز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇنىڭ بىلەن بۇ زاۋۇت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خام نېفىتىنىڭ كۈندىلىك ئايرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنى 3 ھەسسە كۆپەيتىپ 240 مىڭ تۇڭغا يەتكۈزىدىكەن.
بۇ ھەمكارلىقنىڭ مەقسىتى، خىتاينىڭ نېفىت ۋە نېفىت-خىمىيە مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئېھتىياجىنى قامداش بولۇپ، يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىدىغان خام نېفىت كېلىشىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (جۈمە)