ئەنگىلىيە ساقچىلىرى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن 3 كىشىنى قولغا ئالدى


2005.07.10

ئەنگىلىيە ساقچىلىرى " تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش" قانۇنىغا ئاساسەن، ئەنگىلىيە ھىترو ئايرودرومىدا 3 كىشىنى قولغا ئالغان. بىراق مۇناسىۋەتلىك خادىملار، قولغا ئېلىنغان بۇ ئۈچ كىشىنىڭ لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاش بىلەن ئالاقىسى بار، يوقلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

ئەنگىلىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: "قولغا ئېلىنغان بۇ ئۈچ كىشىنى ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى بىلەن باغلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ پەقەت بىر پەرەز بولۇشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر خادىم يەنە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تېررورچىلىقنى پاش قىلىش تېلېفون لىنىيىسى تەسىس قىلغانلىقىنى، بۈگۈنگە قەدەر 1 مىڭ 700 كىشىدىن تېلېفون قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە 3 ئىسلام تەشكىلاتى، پارتلاش ھۇجۇمىغا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، بىراق ئەنگلىيە خادىملىرى ئۇلارنى تېخى ئاشكارىلىمىدى.

ئەنگىلىيىدىكى دىنىي گۇرۇھلارنىڭ رەھبىرى، ھەر قايسى دىنىي ساھەدىكىلەرنى ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن تېررورچىلىق ھۇجۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىپ، ئۆز - ئارا ئىتتىپاقلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى. مۇسۇلمان، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ باشلامچىلىرى يەنە، ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلىق ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.