سەيشەنبە كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشىكىللەش كومتېتى خادىملىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا دىنىي ۋە سىياسى ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدىكى قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىللىق ئولىمپىككە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقى ئۈستىدە توختالمىغان.
10- فېۋرال، يەكشەنبە كۈنى، ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتى ئوز تەنھەرىكەتچىلىرى خىتايغا بارغاندا سىياسى جەھەتتە سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق توغرىسىدىكى ئەھدىنامىگە قول قويدۇرۇش تەكلىپىنى مەيدانغا چىقارغاندىن كىيىن، بۇ تەكلىپ جىددىي غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سۈن ۋېيدېنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، سۇن ۋېيدﯤ ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ بۇ قارارىغا ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ نۆۋەت ئولىمپىككە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا كېلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك روھىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومتېتى بەلگىلىگەن قائىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر تەنھەرىكەتچىلەر ئەھدىنامىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەمما بۇلارنىڭ بۇ ئەھدىنامىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ئەمما ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتى باياناتچىسى گراھام نېۋسون ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق قارارغا كېلىشىدە ھەرگىزمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسمى تۈپەيلىدىن بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (جۈمە)