ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋىزىسى ئۆتۈپ كەتكەن چەتئەللىكلەر ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى


2008.01.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۈگۈن لوندوندا چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئەنگىلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يوللىغان بىر پارچە ئەسلەتمە ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسلەتمىدە ۋىزىسى ئۆتۈپ كەتكەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئەنگىلىيىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋەتمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ھەر يىلى مىڭلىغان ئادەم ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن ئەنگلىيىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ خىل ۋىزىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ئەنگلىيىدە خىزمەت قىلىپ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشسىمۇ قېچىپ يۈرۈپ تۇرۇۋالىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 17 ‏- دېكابىر كۈنى ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا يوللانغان ئەسلەتمىدە ۋىزىسى توشۇپ كېتىپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالماسلىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئەسلەتمە لوندوندا چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئەنگىلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىمى جون تىنسېي بۇ ئەسلەتمىنى ئەيىبلىدى ۋە : " بۇ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بۇيرۇق ئىكەن " دېدى.

ھالبۇكى ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھازىر ۋىزىسى ئۆتۈپ كېتىپ ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقانلار كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چېگىرىدىن چىقىرىش ھەرىكىتىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلمىغان بولۇپ، پاناھلىق تىلەپ ئۆتەلمىگەنلەر ۋە چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى چېگىرىدىن چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىرىنچى مەسىلە ئىكەن.

ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىن ھومېر ئاشكارىلىنىپ قالغان ھۆججەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدە، ئەنگلىيىدە تۇرۇش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ۋە ئارقا ئىشىك قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.