ئامېرىكا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قۇتقۇزۇشقا 10 مىليارد دوللار ئاجراتتى

پرېزىدېنت جورجى بۇش، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قۇتقۇزۇشقا 10 مىليارد دوللار ئاجراتقاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى كەچتە جىددى توپلىنىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش لاھىيىسىنى ماقۇللىدى. ئاۋام پالاتاسى بۇ لاھىيىنى بۈگۈن ئاۋازغا قويىدۇ.

بۇش، جۈمە كۈنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئالاباما، لۇئىزىيانا ۋە مىسسىسىپى شتاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ، ئالدىنقى كۈنى سابىق پرېزىدېنتلار بىل كلىنتون بىلەن دادىسى جورجى بۇشنى ئاق سارايغا چاقىرىپ، ئىئانە توپلاش مەسىلىسىنى مەسلىھەتلەشكەن. بۇ قېتىمقى ئاپەت ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پرېزىدېنت بۇش ئاپەت رايونىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا نەچچە يىللار كېتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ جەرياندا ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قانات يېيىۋاتىدۇ. پۇقرالار ئاپتوبۇسلار بىلەن بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلماقتا. ئەمما ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىقىدىن نارازى. بولۇپمۇ يېڭى ئورليان شەھىرىدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا.

پرېزىدېنت بۇش ئۇلارنى سەۋرچان بولۇشقا چاقىردى. بۇ ئارىدا بىنزىننىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن بۇش بېنزىن بىلەن تەمىنلەش ئىزىغا چۈشكىچە، پۇقرالارنى تېجەشلىك بولۇشقا ئۈندىگەن. (ئەركىن)