ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلماقتا


2005.04.18

ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى، دۈشەنبە كۈنى توكيودا بەرگەن باياناتىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشلار تۈپەيلى ياپونىيىدىن ئەپۇ سورىمىغانلىقى قاتتىق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھەرىكەت. لېكىن ياپونىيە يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشلار سەۋەبىدىن ياپونىيىدىن ئەپۇ سورىشىنى ۋە ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلماسلىق توغرىسىدىكى تەلىپىنى تەكىتلەيدۇ"، دېدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپرىل ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بىرى، ھەر ھەپتە ئاخىرى خىتاينىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ ۋە گۋاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئۆزلىگىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر، مەزكۇر نامايىشلارنىڭ مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ياپونىيە مەتبۇئاتى بولسا، مەزكۇر نايىشلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ نامايىشلارنى توختىتىش ئۈچۈن يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

روئېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا، نامايىشلارغا رۇخسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خالىسا نامايىشلارنى ناھايىتى ئاسان توختىتالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دېگەندەك، شاڭخەيدە مىڭلىغان كىشى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسۇلخانىسى، ياپونىيە سودا شىركەتلىرى ۋە رېستورانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۆتكەن ھەپتە مىڭلىغان كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە باش ئەلچىخانىسىنى تاش- يامغۇرغا تۇتقان. بېيجىڭدا بۇ ھەپتە ئاخىرى ھېچقانداق نامايىش يۈز بەرمىگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.