ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى جۈمە كۈنى جاكارتادىكى ئاسىيا - ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىدا، ياپونىيىنىڭ 1930 ۋە 40 - يىللاردىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى مۇناسۋىتى بىلەن ئەپۇ سورىدى. كويزۇمى، ياپونىيە ئۆتمۈشتىكى ھەرىكىتىدىن " پۇشايمان قىلىدۇ شۇنداقلا چىن كۆلىدىن ئەپۇ سورايدۇ" دەپ كۆرسەتتى. كويزۇمى، يىغىن ئارىسىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن شەنبە كۈنى ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، " بىز بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمىز، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى داۋاملىق سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ،" دىدى. ئەمما كوڭچۈئەن، جوڭگو ھۆكۈمىتى كويزۇمىنىڭ ئەپۇ سورىغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. كويزۇمى جاكارتادىكى يىغىندا، ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىۋاتقان ياردىمىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
ئانالىزچىلار ، ياپونىيە تاشقى ياردەمنى كۆپەيتىپ، خىتايلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزالىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا،دەپ كۆرسەتتى. ياپونىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كويزۇمىنىڭ نۇتۇقى ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. خۇ جىڭتاۋ جاكارتادىكى يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينى 3 - دۇنيا ئەللىرىنىڭ چىمپىيونى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ماختىغان، ئەمما ئۇ، ياپونىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلابنىڭ يۇمشاش ياكى يۇمشىماسلىقى، خۇ جىڭتاۋ بىلەن كويزۇمىنىڭ بۇ قېتىم جاكارتادا بىر ئارىغا كېلىش ياكى كەلەلمەسلىكى بىلەن ئالاقىداركەن. (ئەركىن)