ئامېرىكا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق خىتايغا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە بېسىم ئىشلەتمەكچى


2005.10.26

ئامېرىكا دائىرىلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خىتايغا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلماقچى.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روب پورتمەن ئەپەندىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئەقلىي مۈلۈك كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى ئەقلىي مۈلۈككە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە كونكېرت ئۇچۇرلارنى ۋە بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ھەتتا نەچچە مىڭلىغان ئەقلىي مۈلۈكنى ئوغۇرلاش دېلولىرىنى پاش قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قانۇنسىز كۆچۈرۈش ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغۇرلاشقا ئوخشاش ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەپسەندە قىلىش ئەھۋالىنىڭ خىتايدا ناھايىتى كۆپ بايقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى ئامېرىكىغا 3 ئاينىڭ ئىچىدە يەنى كېلەر يىلى 1 -ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن بۇرۇن تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.