دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا تەشكىلاتى 2007 - يىللىق ئەقلىي مۈلۈك مەسىلىسى ھەققىدە، 301 - نومۇرلۇق ئالاھىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، نازارەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا، ئۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويۇلغان. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر" ئامېرىكا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالاھىدە دوكلات ئېلان قىلىشى خىتاي دائىرىلىرىگە بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش" دەپ بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 301 - نومۇرلۇق بۇ ئالاھىدە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى مەسىلىسىدە ئەڭ ناچار بولۇۋاتقان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن روسىيە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتايدا بۇ ھەقتىكى دېلولار بارغانسېرى كۆپەيگەن، قانۇنسىز كۆچۈرۈلگەن ۋە دوراپ ئىشلەنگەن ساختا ماللار يىلدىن -يىلغا ئەۋج ئېلىپ، ئادەمنى چۈچۈتكىدەك دەرىجىگە يەتكەن.
ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇق ساھەسىدىكىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتايدا سېتىلغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ%93 ئى ساختا مەھسۇلات ئىكەن. شۇنداقلا بۇلتۇر ئامېرىكا چېگرىسىدا مۇسادىر قىلىنغان خىتاي مەھسۇلاتلىرى 2006 - يىلىغا قارىغاندا %81 كۆپەيگەن. بۇندىن ئىلگىرى يەنى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك مەسىلىسى ھەققىدە رەسمىي ئەرز سۇنغان. ۋاشىنگتون سودا تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، 301 - نومۇرلۇق ئالاھىدە دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن. (مېھرىبان)