دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بۇيىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بۇيىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەشلەرگە ئاساسەن، خىتايدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى بولمىغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق دېتال، مۇزىكا، نەشرىيات ۋە باشقا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى خىتايدا خالىغانچە ئوغۇرلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھەر يىلى تارتىۋاتقان زىيان بىر نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولسا، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى خىتايغا بىرنەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جازا قويۇشى مۇمكىن.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بۇيىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان چىقىرىپ، ھەرخىل كىيىم-كېچەك ياكى DVD ماركىلىرىنى ئوغۇرلايدىغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپ ئەھۋاللارنى پاش قىلغۇچىلارغا 100 مىڭ يۇەن سۈيۈنچى بېرىلىدىغانلىقى جاكارلىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىدى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى
- خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ "قۇربانى بولۇش"تىن ئەنسىرەيدۇ
- ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدىن نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى
- ياپونىيە ساقچىلىرى 4 نەپەر خىتاينى زەھەر ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە قارشى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- خىتاي زەھەر ئەتكەسچىسى ئامېرىكىدا قولغا چۈشتى